باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>شى جىنپىڭ

رەئىس شى جىنپىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى پاكگۇنھې بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.07.04 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا كورىيە زۇڭتۇڭى پاكگۇنھې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، نۇرغۇن ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭ پاكگۇنھې جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ بىلىپ، بىر-بىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تىنچ مۇقىم بولغان ئەتراپ مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدىدى. ھازىر ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشقا نۇقتىلىق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ پاكگۇنھې بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەر ۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنتلىرى، پارتىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزىمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئالاقىنى كۈچەيتىشى؛ ئىككى دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە تېلېفون ئالاقىسىنى بالدۇراق ئورنىتىشى؛ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجراسى تارماقلىرى دۆلەت ئاتلىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش، دېڭىزدا قانۇن ئىجرا قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشى شۇنداقلا 2015-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز چېگراسىنى ئايرىش سۆھبىتىنى رەسمىي باشلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىقتىساد سودىدا بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو كورىيەدە خەلق پۇلى بىلەن ھېساۋات قىلىش مېخانىزىمى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىن بۇرۇن جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كورىيە كارخانلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا غەربىي رايونغا مەبلەغ سېلىشىنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ 3-دۆلەتتە ھەمكارلىشىشقا تىرىشسا بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى دۆلەت 2015-يىلى ۋە 2016-يىلى قارشى تەرەپتە ساياھەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 2016-يىلى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بېرىپ-كېلىشىنى 10 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتىنىڭ ۋىزىسىنى بېكار قىلىش، ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ساياھەت ۋىزىسىنى بېكار قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

  تۆتىنچى، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كېلەر يىلى دۇنيا فاشىسسىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلبە قىلغانلىقى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بىر قاتار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت رھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەت جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، جۇڭگو بىلەن كورىيە بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن، دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى، رايون ھەتتا دۇنيا تىچنلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ پاكگۇنھې بىەلن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ نۇرغۇن ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدىم، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئالتە تەرەپ سۆھبىتگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇقارقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك؛ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق تونۇشلارنى مۇجەسسەملەپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا شارائىت يارىتىشى كېرەك؛ ھازىر، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىدە يەنىلا نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللار مەۋجۇت، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر ۋەزىيەتنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك، جۇڭگو جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى، يارىشىپ ھەمكارلىشىشىنى، ئاخىرىدا ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قوللايدۇ.

  پاكگۇنھې مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى كورىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستېراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىدىكى يېڭى نامايەندىگە ئايلىنىدۇ.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن پاكگۇنھې زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن پاكگۇنھېنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شى جىنپىڭ پاكگۇنھېنىڭ ھەمرالىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن كورىيە ئەمەلدارىنىڭ ھەمرالىقىدا دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولغان چاڭدوكوڭ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر