باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2014.07.04 10:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن جياڭ جيەنچىڭ بىلەن كۆرۈشتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى جياڭ جيەنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى، بەرگەن قەرز پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 60 مىليارد يۈەن كۆپەيدى. سىلەر خىزمەتلىرىمىزنى ئۈنۈملۈك قوللىدىڭلار ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلدىڭلار.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەندىكىلەر مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى؛ شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە يولى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىنى؛ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدەپ، شەھەرلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، غەربكە ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى؛ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى؛ ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئىلگىرىكى خىزمەت ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جياڭ جيەنچىڭ مۇنداق دېدى: بىز مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ۋەن خەيچۈەن، جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى گۇ شۇ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر