باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىيدا قەتئىي بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

2014.07.04 10:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن چېن ۋېنچىڭ بىلەن كۆرۈشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  چېن ۋېنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ قېتىم شىنجاڭغا مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە بەنزە قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كەلگەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە زور مەدەت بەردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. خىزمەت خىراجىتى ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ۋە بىر قەدەر ياخشى خىزمەت مۇھىتى يارىتىشىغا ياردەم قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىغانلىقى ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك روھى ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت ئۇسۇلىنى پائال ئۆزگەرتىپ، دېلو تەكشۈرۈش، بېجىرىش فۇنكسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرەشتە، سىياسىيدا قەتئىي بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ يادروسى قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە تۇتقان پوزىتسىيەنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىيدا قەتئىي بولغان – بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ كەلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دادىل سۆزلەپ ۋە ھەرىكەتكە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن فۇنكسىيەسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە پۈتۈن مەملىكەتتە زور تەسىر قوزغاپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قورقاتتى. ئاپتونوم رايون مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ روھى ۋە تەلەپلىرىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، مۇئاۋىن شۇجى چېن ۋېنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپ – پىكىرلىرى يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  چېن ۋېنچىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە ئىستىلى، پاكلىك قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بىزنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىمىزدىكى ئاساسىي مەقسىتىمىز مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ ياخشى تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭدىكىلەرنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، چې جۈن، خەن يۇڭ، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، ليۇ شاڭسۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر