- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىق مۇنبىرىدا بىرلەشمە خىتابنامىگە ئىمزا قويۇلدى
2014.07.04 10:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو، رۇسىيە، تۈركمەنىستان، پاكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئىران، قىرغىزىستان، ھىندىستان، تۈركىيەدىن كەلگەن 40 ئاساسلىق تاراتقۇنىڭ مەسئۇللىرى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىق مۇنبىرى بىرلەشمە خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى. بىرلەشمە خىتابنامىنى ئىمزالىغان تاراتقۇلار مۇنبەر رامكىسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، خادىملار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكا تەرەققىياتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، بىرلەشمە زىيارەت قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاشقا ۋەدە بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر