ئامېرىكا كۇيننىپىياك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچى ئوبامانى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ناچار زۇڭتۇڭ، دەپ قارىغان. ئۇلار ئوبامانىڭ ئىقتىساد، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىپلوماتىيە، داۋالاش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن. بۇ يىلقى تەكشۈرۈشتە سابىق زۇڭتۇڭ رېگان ئامېرىكىنىڭ «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى زۇڭتۇڭى» دەپ باھالانغان.