باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

2014.06.30 13:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 28 – ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە:

  ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 456 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 30)، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 424 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 29)، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 28)؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 359 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 35)، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 327 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 34)، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 31).

  ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 340 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 24)، مەخسۇس كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 23)؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 254 ( ماتېماتىكا نەتىجىسى 22)، مەخسۇس كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 21).

  خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 420، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 341، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 418، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 392، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە ۋە تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ.

  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 80، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 185؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 78، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى .160 خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 128 ؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى .107 خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مامات

ئالاقىدار خەۋەرلەر