باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە چىقىش قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە كونكرېت ئۆلچەم بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى

2014.07.03 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تۈنۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر يۈەن گۈيرىن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئامال ۋە كونكرېت پىرىنسىپلارنى تۈزۈپ چىقىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشخانا، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە چىقىش قاتارلىق ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىشتا كونكرېت ئۆلچەم تۈزۈش ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇ مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى بىر قىسىم بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىش يىغىنىدا يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈردى.

  تەلەپكە ئاساسەن، ھەربىر ئالىي مەكتەپ رەھبىرىي كادىرىغا پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆلچەم بويىچە ئىشخانا سەپلەپ بېرىلىدۇ، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشكە، كەسپىي مەخسۇس ماشىنىنى رەھبەرلەرنىڭ مۇقىم ماشىنىسى قىلىۋېلىشقا، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قارمىقىدىكى ئورۇنلار ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار ئورۇنلارنىڭ ماشىنىسىنى ھەر قانداق نام بىلەن ئارىيەت ئېلىش، ئىگىلىۋېلىش ۋە ئالماشتۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر