باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇ چىڭلىن ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.07.04 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن 1-ئىيۇلدىن 3-ئىيۇلغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، نۆۋەتتىكى ئېلىمىز مىللىي مەسىلىسىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇ چىڭلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى يادرو-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش؛ ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، تەدرىجىي تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا، سىردىشىش، ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقىي-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئادىمىيەتلىشىش، ئەمەلىي گەۋدىلىشىش، ئاممىۋىيلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر