باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ

2014.07.04 10:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاسىيادىكى 1-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو يېقىملىق بولۇش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆز ئارا نەپ كەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈشكە تىرىشتى. بىر قىسىم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۆلىمالىرى: جۇڭگو ئاسىيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ، ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناۋاتىدۇ، دېيىشتى.

  پاكىستاننىڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزوچىسى ئەنسەر بادى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچى. ئۇزۇندىن بېرى، قوشىنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتىن ئىبارەت تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. جۇڭگو، ھىندىستان ۋە بېرما ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

  قازاقىستان خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى تۇلىشىف مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدۇ، ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى يېقىندا شاڭخەيدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، جۇڭگو ئاسىيانىڭ يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشقا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. جۇڭگونىڭ خەلقئارادا تەسىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ.

  كورىيە خەنياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىلمىي ئاسپىرانتورىيەسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋىنشىڭگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك سىياسىتى زور پەرقلىنىدۇ، جۇڭگو بۇ رايوندىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شەك-شۈبھىسىزكى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاسىيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىشىنىمىزكى بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو داۋاملىق ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئاسىيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىدىكى ماتورغا ئايلىنىدۇ.

  كورىيە سۇڭيۈنۋان ئۇنىۋېرسىتېتى سۇڭيۈنۋان جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لىسىيۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ. ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادتا بىر-بىرىگە تايىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئانچە قويۇق ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو ئاسىيانىڭ يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئاسىيادىكى ھەرخىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ، ئالتە تەرەپلىك سۆھبەت جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى.

  ھىندونېزىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى لى جۇخۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش سىياسىتى رايون ئىشلىرىدا گەۋدىلىك، ئىجابىي رول ئوينىدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ زېمىن ماجراسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىزچىل تىنچ كېڭىشىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، رايون مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىدە ئىجابىي رول ئوينىدى. كىشىلەر شۇنى ئېنىق كۆردىكى جۇڭگو ھەقىقەتەن ئىشنىشكە ۋە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ تەڭ بولۇشقا ئەرزىيدىغان ياخشى دوست.

  قازاقىستان خەلقئارا سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى تۇلىشىف مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيادا مۇھىم ماتورلۇق رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بۇ خىل تەسىر كۈچ بولغاچقا، جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تىز ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، قازىقىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولىۋاتىدۇ. بىر قاتار پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ھەقىقەتەن ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، بىرلىكتە غەلبە قىلدىغان ھەمكارلىق، ھەمكارلىقنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەلقىگە يەتكۈزگەن نەپنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۆتكەن يىلى يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قازاقىستان ۋە ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجىتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇندىن باشقا، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى بارغانسېرى كۆپىۋاتىدۇ. قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سودا سوممىسى يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدىكى سودا پۇرسىتىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇش، سودا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىغا مۇستەھكەم ئاساس بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر