دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا كورىيە زۇڭتۇڭى پاكگۇنھې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، نۇرغۇن ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭ پاكگۇنھې جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ بىلىپ، بىر-بىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تىنچ مۇقىم بولغان ئەتراپ مۇھىتىنى بىرلىكتە قوغدىدى.
تەپسىلىي مەزمۇن