باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3- ئىيۇل شىنجاڭدىكى ئىككى جايدا ئۈچ بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى

2014.07.04 10:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېرىيە ناھىيەسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىدى

  شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا ، 3-ئىيۇل سائەت 05:05 دە ، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 35.7 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.0 گىرادۇس ) دە 3.2 بال يەر تەۋرىگەن .

  كېرىيە ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ، كوئىنلون تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ . يەر كۆلىمى 39 مىڭ 500 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، 180 مىڭ ئاھالىسى بار ( 1990- يىلى ) ، ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچىگە 1300 كىلومېتىر كېلىدۇ .

  توقسۇن ناھىيەسىدە 3.4 بال يەر تەۋرىدى

  شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا ، 3-ئىيۇل سائەت 08:06 دە ، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 42.6 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 88.6 گىرادۇس ) دە 3.4 بال يەر تەۋرىگەن .

  توقسۇن ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ شەرقىگە ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە ، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 16 مىڭ 171 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، ئومۇمىي نوپۇسى 107 مىڭ 768 ( 2003- يىلى ) . توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 162 كىلومېتىر كېلىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر