- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ
2014.07.04 10:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 2-ئىيۇل سۇغۇرتا نازارەت قىلىش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېنخۈي يېقىندا ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتا ئىسلاھاتىنى بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ ھەمدە بۇ تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ دېگەن. چېن ۋېنخۈي مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىدا مۇنداق بىرنەچچە پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
1.بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ. ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى بېكىتىش ھوقۇقى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرى باھا، مۇلازىمەت، ماركا، باشقۇرۇش، يول قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپلىك رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ.
2.سۇغۇرتا ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى قوغدىلىدۇ. بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ، ئەرزان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلىنىدۇ. ئاپتوموبىل سودا سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسى ئىستېمالچىلارنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر