- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رايونلار ئىچىدە ئالدىنقى تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلدى ، تۇرپاندا تېمپېراتۇرا ℃41 قا يەتتى
2014.07.04 10:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۆز خەۋىرىمىز : 30-ئىيۇندىن باشلاپ شىنجاڭدا ℃35 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلدى . 2-ئىيۇل ، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تورى ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق شەھەرلەر تىزىملىكىدە شىنجاڭ ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ ئاتەش ›› ماكان تۇرپاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃41 قا چىقىپ ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىسسىق شەھەر بولۇپ قالغان .
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە ، 2-ئىيۇل ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى ، قومۇل قاتارلىق جايلاردا ℃ 35 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃ 37 قا يەتكەن . ئۈرۈمچىدە شۇ كۈنى سائەت 15:05 دە تېمپېراتۇرا ℃ 34.3 قا يەتكەن .
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لۇ شىنشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈۋاتقان پەيتتە ، 2-ئىيۇل كۈندۈزدە سوغۇق ھاۋا شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ، شىمالىي شىنجاڭدا 3-ئىيۇل يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى پەسەيگەن ، 3-ئىيۇل بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى ، تۇرپان–پىچان ئويمانلىقى ۋە قومۇلنىڭ جەنۇبى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃ 35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن ، قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا℃ 37 قا ، تۇرپان -پىچاندا ℃ 40 قا چىقىدىكەن .
سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە 2-ئىيۇل كېچىدىن 3-ئىيۇل كېچىگىچە ، شىمالىي شىنجاڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرا ھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ ، تېمپېراتۇرا ℃ 5- 8 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن .
ئۈرۈمچى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ، 2-ئىيۇل كېچىدىن 3-ئىيۇل كۈندۈزگىچە ، ئۈرۈمچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃ 19 بولۇپ ، تۆت بال شامال چىقىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر