باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ يازما ئىقرارىنى ئېلان قىلدى

2014.07.04 10:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، مەركەز ئارخىپخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى مىڭخۇا مەركەز ئارخىپخانىسىنىڭ ئىنتېر تورىدا «ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان جىنايى قىلمىشى ھەققىدىكى ئىقرارى»نى ئېلان قىلىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، لى مىڭخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەركەز ئارخىپخانىسى 3-ئىيۇلدىن تارتىپ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە سۇزۇكى كېيكۇ قاتارلىق 45 ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ ياپونچە يازما ئىقرارى ھەم ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە ئارخىپى ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ۋىدىيوسى، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئىقرارىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە مۇھىم نۇقتىلىرى ئېلان قىلىدىكەن، ھەر كۈنى بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ يازما ئىقرارى ئېلان قىلىنىدىكەن، 45 كۈندە تاماملىنىدىكەن. لى مىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يازما ئىقرارنامىدىن ئاشكارىلانغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشى-جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى پىلانلاش، يولغا قويۇش، باكتېرىيە قورالى ياساش، زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش، قىرغىن قىلىش، قولغا ئېلىش، قۇل قىلىش، جۇڭگو خەلقىنى زەھەرلەش، ئاياللارنى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا مەجبۇرلاش، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، پۇل ۋە مال مۈلۈك بۇلاش، شەھەر-بازار، يېزىلارنى ۋەيران قىلىش، ئاددىي ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش، خەلقئارا مىزان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن جىنايى قىلمىشلار ئادەمنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر