باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قانداشلىقتىن ھالقىغان دوستلۇق

2014.07.04 10:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، سەردارئەلى ۋارىسجان دوستى دۇ شىنلىننى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى، دۇ شىنلىن توپ مۇسابىقىسى كۆردى، ئويۇن ئوينىدى، كىنو كۆردى، مەززىلىك تائاملارنى يېدى... ئۇنىڭ دوستى سەردارئەلىنىڭ ئۆيىدىكى ئىككى كۈنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى. ئايرىلىدىغان چاغدا ئىككى يىگىت ھەر يازلىق تەتىلدە چوقۇم كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى، ئۇلار بىز قىيامەتلىك جانجىگەر ئاغىنىلەردىن بولىمىز، دېيىشتى. ئۇلار ئادەتتىكى يىگىتلەر، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ئادەتتىكى ئائىلە. ئىككى يىگىتنىڭ دوستلۇقىدىن ئىككى ئائىلىنىڭ باردى – كەلدى قىلىشىغىچە بولغان جەرياندىن مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالىنى كۆردۇق.

  شۇجى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹دوست تۇتۇش، قوشماق بولۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئاز – ئازدىن، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىز، ئىللىق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىپ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆپرەك ئاق كۆڭۈل بولۇپ، باشقىلارغا ئاز – ئازدىن كۆپرەك ياردەم بېرىپ، ئاشۇ <كىچىك ھەرىكىتىمىز> ئارقىلىق غايەت زور ئىجابىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك››.

  شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ ئىلگىرىلەش جەريانىدا، 2010 – يىلى ھەر مىللەت ياشلار ئارىسىدا يولغا قويۇلغان ‹‹مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئوبراز يارىتىش، ھېسسىيات سىڭىشتۈرۈش›› پائالىيىتى قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى ھەم بالىلار قوشماق بولۇشنىڭ دائىرىسى ئائىلىلەر قوشماق بولۇشقا، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پائالىيىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كېڭىيىپ، مەزمۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا يىلتىز تارتتى. بۇ پائالىيەتنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭىيىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاسلىقى، مىللىي خاسلىقى، دەۋر خاسلىقىدا يىلتىز تارتقان ئۆرنەك بولۇپ قالدى.

  بىر رايوننىڭ روشەن ئوبرازى بولمىسا، بۇ رايون ئۆز روھى ۋە رەڭدارلىقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. كۆپ يىللار ئىلگىرى، ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ناخشا نۇرغۇن كىشىدە شىنجاڭ توغرىسىدا ياخشى تەسىرات قالدۇرغانىدى. لېكىن، شىنجاڭ ئاۋامغا گۈزەل مەنزىرىسى، مول بايلىقى، ناخشا – ئۇسسۇلى، مېۋە – چىۋىلىرى بىلەنلا تونۇلماسلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى قىسمەن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى مىللىي توقۇنۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق يۈز بېرىدىغان جاي بولۇپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مول مەدەنىيەت مەزمۇنىغا، مەدەنىيەت سۈپىتىگە، مەدەنىيەت ھارارىتىگە ئىگە زامانىۋى شىنجاڭ سۈپىتىدە تونۇلۇشى كېرەك.

  ئۆزلىشىش ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنزىلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى. چۈنكى شۇنداق بولغاندا پىسخىكا، ھېسسىيات جەھەتتە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئارازىلىقلارنى تۈگىتىپ، ئوخشىماسلىققا ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلىپ، بىر – بىرىنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئۇل تېشىنى نېگىزىدىن چىڭدىغىلى بولىدۇ.

  ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتىكى قەلبداشلىق، ھىممەتداشلىق بولغاندىلا، كۈرەش نىشانىدىكى يەكدىللىك، ئەمەلىي ھەرىكەتتىكى بىردەكلىكنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، شۇندىلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ساغلام، سىجىل، گۈللەپ ياشنايدۇ. شۇڭا، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن قىممەت يۆنىلىشى تىكلەپ بەردى، مەنىۋى تىرەك ياراتتى، مەدەنىيەت بايلىقىنى بېيىتتى؛ ئۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇستەھكەم ‹‹يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ››كە ئايلانغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر