باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جياڭ دېجياڭ شىۋىتسارىيە فىدىراتسىيە پالاتاسىنىڭ باشلىقى گېرمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2014.07.04 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جياڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، شىۋىتسارىيە فىدىراتسىيەسى پارلامېنتى فىدىراتسىيە پالاتاسىنىڭ باشلىقى گېرمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  جياڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئىيۇل جۇڭگو-شىۋىتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى. جۇڭگو شىۋىتسارىيە بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن شىۋىتسارىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-شىۋىتسارىيە ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىق جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شىۋىتسارىيە فىدىراتسىيە پارلامېنتى فدىراتسىيە پالاتاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ بېرىپ كېلىشىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن شىۋىتسارىيە دوستلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو شىۋىتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا بىرلىكتە پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  گېرمان مۇنداق دېدى: شىۋىتسارىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىي مۇناسىۋىتى ئاساسىدا، ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. شىۋىتسارىيە فىدىراتسىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، شىۋىتسارىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن توھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر