باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن كادىر

2014.07.04 13:20   مەنبە: خەلق تورى

دېھقانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن كادىر

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيە كۈيباغ بازارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مۇھەممەت خىزمەتكە قاتناشقان تۆت يىلدىن بۇيان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىجانىدىل ئورۇنداپ، بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئاممىنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغان رادىيو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى 2013- يىلى 10- ئايدا كۈيباغ بازىرىدا باشلانغاندىن بۇيان يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پونكىتتا ئۆزىدىن باشقا خادىم بولمىغان ئەھۋالدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بۇ بازاردىكى 2700 دىن كۆپرەك دېھقان ئائىلىسىگە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئانتىنىسى ئورنىتىش، پىروگرامما سىفىرلىرىنى تەڭشەپ يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى سۈپەتلىك ئورۇندىدى. بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان باشقا خىزمەتلەرنى ۋە پونكىتنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە كۈندىلىك خىزمەتلەر داۋامىدا كەنت، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى كاشىلىغا يولۇققان ئائىلىلەر مەسىلە ئىنكاس قىلغان ھامان ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەي، كاشىلىلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تولۇق كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  سۈرەتتە: ئابلىكىم مۇھەممەت كۈيباغ بازىرىنىڭ دۆڭمەھەللە كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئەترىتىدىكى يولداشلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن 7- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كەنتنىڭ 2- مەھەللىسىدىكى تۇرسۇن مەتقۇرباننىڭ ئۆگزىسىدىكى ئانتىنانى رېمونت قىلىپ بەرمەكتە.

مۇخبىر: پوسكام ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا

مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى