باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزۇغا يول قويۇش يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بەرگەنلىك

2014.07.03 08:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان كابېنت قارار لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچ يولدا مېڭىش ۋە مەخسۇس قوغدىنىش توغرىسىدىكى ئامانلىق ساقلاش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە تارىخىي بۇرۇلۇش ياسىدى.

  ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىغا قارىتا، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى بۇنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆڭلىدە چىگىش بولمىسىلا، ئامېرىكىدا مۇنازىرە بولمايدۇ، ئاسىيادىكى خەتەرلىك كىشىنى يۆلەشتە ئامېرىكا يۈزىدە كۈلكە بولسىمۇ، كۆڭلىدە بىئارام بولىدۇ.

  ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇندىن بۇرۇن كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. چۈنكى ياپونىيە ھەربىي ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلىغان ئەھۋالدا ئاسىياغا قايتىشتا يەنە بىر ياخشى ياردەمچىگە ئىگە بولىدۇ.

  يېڭى قارار لايىھەسىدە ئابې شىنزۇ ھۆكۈمىتى قورال ئىشلىتىشنىڭ ئۈچ شەرتىنى ئوتتۇرغا قويدى. ياپونىيە قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچراشتىن باشقا، ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن دۆلەتلەر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ياپونىيە خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ھوقۇق مەنپەئەتگە روشەن خەۋپ يەتكۈزۈلگەن ئەھۋالدا، ياپونىيە زۆرۈر بولغان ئەڭ كىچىك چەكتە قورال ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىغا نىبەتەن ئېيتقاندا، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بىكار قىلىغاندىن كېيىنكى ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ سودا پاراخوتلىرىنى قوغداشقا، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇشىغا ياردەم بەرسە، يەنە ئامېرىكىنى قورال-ياراق ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى مەدىتى بىلەن تەمىن ئەتسە بولىدۇ، يېڭى قورال ئىشلىتىش شەرتىنىڭ ئىسلاستىكىلىكى ناھايىتى زور بولغانلىقتىن، ياپونىيە يەنە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەتتا جۇڭگو بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىنى بانا قىلىپ، قوغدىنىش قىسمىنى بىۋاستە ئىشقا سالسا بولىدۇ.

  1-، ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە ماجرالار ئۈزۈلمەيۋاتقان، لېكىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش غەرىزىدە بولىۋاتقان ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياردەمچىسىنىڭ كۆپىيىشى ياخشى ئىش، ھېچ بولمىغاندا پارلامېنتقا ھەربىي راسخوت ياكى قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بۇ ئىش ئارقىلىق، خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇشتا تەشەببۇركار بولالايدۇ.

  جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنى چەكلەشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھوقۇققا ئېرىشكەن ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى پېچكىسى بولالايدۇ.

  لېكىن ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياپونىيەنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشىغا كەڭ قوساقلىق قىلىشى يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بەرگەندەك ئازابلىق تەدبىر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىدا ياپونىيەنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشى توغرىسىدا مۇنازىرە ئۈزۈلمىدى، ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ئېبې شىنزۇنىڭ تارىخنى ئىنكار قىلىش ئۇرۇنىشىنى تەقىت قىلىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتنى ئابې شىنزۇدىن ھۇشيار بولۇشقا ئەسكەرتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋاڭ فېڭفېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلىش تەس، ئامېرىكىلىقلار ياپونىيەنىڭ پېئارىل خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىش ئۆتمۈشىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. دەل ئامېرىكىلىقلار دائىم دەيدىغان گەپكە ئوخشاش ئەبۇ قىلىشقا بولىدۇكى، لېكىن ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

  2-، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ كېلىشتە ئەمەلىي كۈچى بار، گەپ ئاڭلايدىغان بىر ياردەمچىگە مۇھتاج. ياپونىيەدە ئەمەلىي كۈچ بار، مەسىلە گەپ ئاڭلامدۇ، ئاڭلىمامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش تەس، ئابې شىنزۇ ھۆكۈمىتى تۈپ يىلتىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىزدىنىدىغىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەرتىپنى ئۆزگەرتىپ، ياپونىيەنىڭ خەلئارا سەھنىدىكى ئورنىنى نوماللاشتۇرۇش. ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇشمۇ ئابې شىنزۇنىڭ يىراق نىشانىدا بولۇشى مۇمكىن.

  3-، ئامېرىكا ئابې شىنزۇدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر تاراتقۇ ئابې شىنزۇنى ئاسىيادىكى خەتەرلىك ئادەم دەپ بېكىتتى، ئابې شىنزۇنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ دېموكراتىپ تەرتىپنى بۇزغانلىقى، ئاساسىي قانۇننىڭ باش ۋەزىرنى كونترول قىلىشىدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلدى. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا ئابې شىنزۇ ئەگەر مىللەتچىلىك ۋە مىللىتارېست يولدا بارغانچە يىراقلىشىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىنى ياپونىيە ئۇرۇشىغا پاتتۇرۇپ قويىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر تاراتقۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئابې شىنزۇنى ئىشچىسىز ئادەم دەپ قارىغانلىقىنى پاش قىلدى، بۇ مەخپىي ئىش ئەمەس.

  ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغان ئابې شىنزۇدىن بىرەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۈمۈد كۈتكىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر