- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركىزىي بانكا:نامرات رايونلاردا قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى
2014.07.03 08:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ 1-ئىيۇلدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا،بۇ يىل 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات رايونلاردا خەلق پۇلى قەرز قالدۇقى 2 تىرىليون 890 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.4 ئېشىپ،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.5 پوئىنت يۇقىرىلىغان؛نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خىزمىتىدە ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.
مەركىزىي بانكىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،بۇ يىل 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات رايونلار يەنى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسى بېكىتكەن تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى 832 ناھىيە ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيىدە ناھىيە دەرىجىلىك بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن 5209 ئى تەسىس قىلىنغان. مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى 40 مىڭدىن ئاشقان؛ ئاكسىيە تارماق ئاپپاراتى 130 غا،سۇغۇرتا تارماق ئاپپاراتى 4955 كە، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەر610 غا يەتكۈزۈلگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر