تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان 1–ئىيۇل ئەنقەرەدە ئېچىلغان پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىغا قاتناشتى. تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 1–ئىيۇل ئەنقەرەدە پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، ھازىرقى زۇڭلى ئەردوغاننىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . ئىگىلىنىشىچە ، ئەردوغان ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان مىللەتلەر ھەرىكىتى پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزات ئەكمېلدىن ئېھسان ئۇلۇ ھەمدە كۇرد خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى نامزاتى سالاھىدىن دەمىرتاس بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭلۇقىنى تالىشىدىكەن .