باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى خەمىد ئەنسارى بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.02 00:16   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى خەمىد ئەنسارى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئىيۇن خەلق سارىيىدا ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى خەمىد ئەنسارى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھىندىستاننى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىك دەپ بىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ھىندىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ئەمدىلا تەشكىللەندى، جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەلەر، قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە ئورتاق تونۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىشتىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى تېخىمۇ قېزىپ، بېنگال-جۇڭگو-ھىندىستان-بېرما ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇش يىلى، مەن ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئادەمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ زىچ بىرىكتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەنسارى مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ياخشى قوشنىلار ھەمدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى قوشنا، ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىپلا قالماستىن، دۆلەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشدىكى ئۈلگە بولالايدۇ. ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە بۇ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسپىغا رىئايە قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى