باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك م ك سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2014.07.03 07:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، « مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى»،« نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»،«پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاساسلىقى مۇنداق 3 جەھەتتىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بىرىنچى، خامچوتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، خامچوتنى قاتتىق تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا زامانىۋى خامچوت تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك، باج كىرىمى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، باج كىرىمى ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق باج يۈكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، باجنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا، جەمئىيەت ئادىللىقىغا، بازارنىڭ بىرلىكىگە پايدىلىق باج كىرىمى تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، باج كىرىمىنىڭ مالىيە كىرىمى توپلاش، تەقسىماتنى تەڭشەش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى مالىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىم قېلىپى ئومۇمەن مۇقىم بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىم ئايرىمىسىنى يەنىمۇ يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت، ئىش بېجىرىش بىلەن پۇل خەجلەشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتى ئۆزئارا ماسلاشقان تۈزۈمنى بەرپا قىلىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا 2016-يىلى نۇقتىلىق خىزمەت ۋە ۋەزىپىلەر ئاساسەن تاماملىنىدۇ، 2020-يىلى زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئاساسەن ئورنىتىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، شۇڭا بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى يۈرۈشلۈك سىياسەت تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، تۇرالغۇ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ پايدىنى تەقسىملەش ھوقۇقىنى ياخشى قوغداش كېرەك، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، جايلار مەركەزنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈپ نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك، چوڭ ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر بازارلارنىڭ مۇۋاپىق تارقىلىشى، ئۆزئارا بىرى بىرىنى تولۇقلاشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر بازارلارنىىڭ ئىقتىسادىي ئۇيۇشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنى شەھەر نوپۇسىغا ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ــ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ئالدىنقى شەرت، ئاساس. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەم ئۆزىنى پاك تۇتۇپ،ئۆزىنى قاتتىق باشقۇرۇشى ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا دادىل بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ھەمدە چىرىكىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى كېرەك، پارتكوم پارتگۇرۇپپىلىرى شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى، باشقا ئەزالار ئۆز ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىدا رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىمىغانلار، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى ئەۋەتىشنى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇ ئاپپاراتلار نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە يەرلىك، تارماق ۋە كارخانا كەسپىي ئورۇنلاردا پۈتۈنلەي قاپلىنىپ، مەخسۇس نازارەت قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چۆچۈتۈش رولىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر