باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدىلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014.07.04 10:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئەدىلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىەشنىڭ 11 ئەزاسى سۆز قىلىپ بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مەركەز بېكىتكەن ئەدىلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش لايىھەسىنىڭ يۆنىلىشى توغرا، تەپەككۇرى ئېنىق، تەدبىرلىرى كۈچلۈك، قەدىمى پۇختا بولۇپ، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەدىلىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدىلىيە ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، چەكلەپ تۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ئادىل، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدىلىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پائال، پۇختا، قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ يۇڭچىڭ ئەدىلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت شىتات ئىشخانىسى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىسىتىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر