2-ئىيۇل سائەت 11:40 دا ، بىر قۇرۇلۇش پويىزى تېخى يېڭىلا رېلىس ياتقۇزۇلغان يۇلغۇنلۇق-نوم تۆمۈريول بۆلىكىدە قاتنىدى. بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى تۆمۈريول يۇلغۇنلۇق-نوم-سەنتاڭخۇ تۆمۈريولىنىڭ يۇلغۇنلۇق-نوم بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . يۇلغۇنلۇق-نوم تۆمۈريولى گەنسۇ بىلەن قۇمۇل ئارىلىقىدا ئېنېرگىيە تىرانسىپورتى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 438 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا شىنجاڭ ‹‹ گۇاڭخۇي ›› ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى جەمئىي 10 مىليارد 868 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، 2012-يىلى مارتتا ئىش باشلانغان. نۆۋەتتە، نومدىن نوم كۆمۈر كېنىغا تۇتىشىدىغان 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى سېنتەبىردە يۇلغۇنلۇق-نوم تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە قاتناش سىناق تەرىقىسىدە باشلىنىدىكەن.