باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

سەنيادىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ تارىخىغا شاھىت بولدى

2014.07.03 08:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى خەيتاڭ قولتۇقىدا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلار قاتار-قاتار تىزىلغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا دېڭىز بويى ئارامگاھ، ساياھەت شەھىرىنىڭ زامانىۋى بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بۇ يەرگە ئانچە يىراق بولمىغان لىڭشۈي قولتۇقىدىكى بىر ئورمانلىقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ نەچچە ئون قەدىمىي قەبرىسى بار، ئۇلار دېڭىزغا قاراپ تۇرىدىغان بولۇپ، مىڭ يىل بۇرۇنقى دېڭىز يىپەك يولىدىكى گۈللىنىشكە شاھىت بولۇپ تۇرماقتا.

  تېڭچياۋ قەبرە توپى خەيتاڭ قولتۇقى بازىرى دوڭشى كەنتىنىڭ شەرقىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان ئورمانلىققا جايلاشقان، 2006-يىلى دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. قويۇق دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا پاكار مارجان تاشتىن ياسالغان قەبرە تېشى ھەممە جايدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، قەبرە تېشىغا ئويۇلغان ئەرەبچە خەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، قەبرە تېشى ئالدىدا يەنە ئامما تۇپراق بېشىغا دۇئا قىلغىلى كەلگەندە قويۇپ قويغان نەزىر بۇيۇملىرى بار.

  خەيتاڭ قولتۇقى بازىرى مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋەنخاۋ مۇخبىرغا: بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يەرگە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى دەپنە قىلىنغان ئىكەن، ئۇلار دېڭىز يىپەك يولىنى بويلاپ ئۆتكەن سودا يولى ئارقىلىق كېلىپ، كېيىن بۇ يەردە قېلىپ قالغان ئىكەن دېدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ 40 نەچچە قەدىمىي قەبرىگە ھازىرغىچە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان، تاڭ، سۇڭ، يۈەن دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان سودىگەرلەرنىڭ قەبرە توپى شۇنداقلا بۈگۈنگىچە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەبرىسى ئىكەن.

  تاڭ دەۋرىدە، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ خۇش پۇراق بۇيۇملار ۋە يىپەك يولى دېڭىز قاتنىشى چوقۇم ئۆتىدىغان جاي بولغان خەينەن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقىدا مۇسۇلمانلار پائالىيەت قىلغان. ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان سودىگەرلەر پېرسىيە، ئەرەب رايونىدىن دېڭىز ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ، چۈەنجۇ قاتارلىق جايلىرىغا كەلگەن، لىڭشۈي قولتۇقى دەل مۇشۇ دېڭىز يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئەشيا تەمىنات پونكىتى ئىكەن، ئۇلار ھەمىشە بۇ يەردە ئارام ئالغان، ھەتتا ماكانلىشىپ قالغان، دېڭىز سەپىرىدە قازا قىلغان بەزى مۇسۇلمان سودىگەرلەر يېقىن ئەتراپقا دەپنە قىلىنغان. سۇڭ، يۈەن دەۋرلىرىگە كەلگەندە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارقا-ئارقىدىن سەنياغا كۆچۈپ كەلگەن.

  تېڭچياۋ قەدىمىي قەبرە توپى ھازىر سەنيا مۇسۇلمانلىرى ۋە سەنيادىن چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىققان مۇسۇلمانلارنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەجدادلىرىنى ئىزدەش ھەم تەكشۈرۈشىدىكى مۇھىم بازا شۇنداقلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆزنىكىگە ئايلاندى. سەنيا شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خاشالىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، 40 مىڭچە ئادەم قېتىم مۇسۇلمان تېڭچياۋ قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا كېلىپ دۇئا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدە تىجارەت قىلىدىغان ئىراق، سۇدان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارمۇ بار دېدى.

  لى ۋەنخاۋ مۇنداق دېدى: تېڭچياۋ قەبرىستانلىقى مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت ۋە پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە، نۇرغۇنلىغان ئىشەنچلىك ئەمەلىي ئىسپاتلار ئارقىلىق، قەدىمكى دەۋردىكى خەينەننىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلغىلى ھەم ئىگىلىگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى خۇيزۇلارنىڭ تارىخى ھەم قەدىمكى دەۋردىكى سەنيانىڭ سودا تارىخى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تېڭچياۋ قەبرىستانلىقى بۇرۇنقى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە شاھىت بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سەنيادىكى خۇيزۇلارنىڭ تېگى-تەكتى بىلەن قەدىمكى دەۋردە بۇ يەرگە كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  سەنيا شەھىرى فېڭخۇاڭ بازىرىدا خۇيخۇي، خۇيشىن دېگەن ئىككى خۇيزۇلار كەنتى بار، نوپۇسى ئون مىڭ ئەتراپىدا. بۇ يەردىكى خۇيزۇلار بىلەن جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى خۇيزۇلارنىڭ تىل جەھەتتە روشەن پەرقى بار. خاشالىن مۇنداق دېدى: نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، سەنيادىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرى ھىندونېزىيە، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن. نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ مالايسىيەدە تۇغقانلىرى بار، ھازىرقى بىزنىڭ بىر قىسىم شىۋىمىز مالاي تىلى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى تەرەپ خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. خۇيخۇي، خۇيشىن كەنتلىرىدىن 20 نەچچە مۇسۇلمان سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىران، ئىيوردانىيە، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىن مەكتەپلىرىدە ئوقۇماقتا، بىز ئۇلارنىڭ ئاخۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خۇيخۇي كەنتىدىكى فۇ سەيشيا چوڭ قىزىنى مالايسىيەدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولدى، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىقى ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇت قۇرۇپ، خام ئەشيالىرىنى مالايسىيەدىن كىرگۈزدى، سەنيادا پىششىقلاپ ئىشلەپ، خەينەن ئۆلكىسى ۋە چەتئەللەردە ساتتى، بىر يىلدا 80 مىڭ يۈەنچە سودا قىلىدۇ. فۇ سەيشيا ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ تىجارەتتە جىق پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ۋە ھېسسىيات ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، مەن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرىمەن، بۇ ئىشىم ئەجدادلىرىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيانلارنى بېسىپ دېڭىز يىپەك يولىنى ئېچىش روھىغا ۋارىسلىق قىلغىنىم بولۇپ قالار دەپ ئويلايمەن دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر