- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامانەت قەرز نىسبىتىنى ھېسابلاش ئۆلچىمى تەڭشىلىدۇ
2014.07.03 08:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى سىرتقا «سودا بانكىلىرىنىڭ ئامانەت قەرز نىسبىتىنى ھېسابلاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە ئامانەت قەرز نىسبىتىنى بالا، ئانىغا ئايرىش دائىرىسى تەڭشىلىدۇ. لېكىن %75لىك ئامانەت قەرز نىسبىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چېكى بىكار قىلىنمايدۇ. كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى تەڭشەش بازار تەرىپىدىن بىر قېتىملىق مىكرو قوزغىتىش دەپ ئاتالدى، بۇنىڭ بىلەن بانكىلارنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى ئۈنۈمى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر