باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا رۇسىيەدىن ئايرىلالامدۇ؟

2014.07.03 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يازلىق باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنا، گېرۇزىيە ۋە مولدوۋا بىلەن ئالەقە دۆلەت كېلىشىمى ئىمزالىدى. بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەتتىن كېيىن يەنە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى 3 دۆلەت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قوشۇلدى.

  بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى شەرققە كېڭىيىش قەدىمىنى تېزلەتتى، پولشا، رۇمىنىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، باشقىلار بىر چەتتە تۇرسۇن ئۆزىنىڭ غىمىنىمۇ قىلالمىدى، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كېتىشىگە قاراپلا قالدى.

  2009-يىلى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى «شەرقتىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەت پىلانىنى» يولغا قويدى، بۇ پىلانغا چېتىلىدىغان 6 دۆلەتنىڭ ھەممىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقغا ئەزا دۆلەتلەر ئىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى بۇ دۆلەتلەرنى رۇسىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك سىستېمىسىدىن تارتىپ چىقىپ، رۇسىيەنى قامال قىلىش.

  ھازىرقى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى خېلى جانلاندى، غەرب بىلەن تىركىشىدىغان ئىقتىدارى بار. موسكۋا ئىلگىرىكى كۈچلۈك ھالىتىگە قايتىپ كەلدى، دۆلەتنى قوغدايدىغان ئارزۇسىمۇ ئالاھىدە كۈچلۈك، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقكە كېڭىيىشىگە ئەمدى قاراپ تۇرمايدۇ.

  بۇ 6 دۆلەت توغرىسىدا رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كەسكىن تىركەشتى. ھازىر ئىككىلا تەرەپ ئازراق نەتىجىگە ئېرىشتى، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قوشۇلدى، قالغان ئۈچ دۆلەت ئىچىدىكى بېلارۇسىيە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تەشەببۇس قىلغان ياۋروپا-ئاسىيا بىرگەۋدىلىشىش تۈرىگە قاتناشتى، ئەرمىنىيەمۇ بۇنىڭغا قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

  بۇ 6 دۆلەت ئىچىدە، مەيلى جۇغراپىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى مۇھىملىقى ياكى دۆلەت كۈچى جەھەتتە بولسۇن ئەڭ مۇھىمى ئۇكرائىنا ھېسابلىنىدۇ. ئۇكرائىنا شۇنچىلىك مۇھىم بولغاچقا ئۇ غەرب بىلەن رۇسىيە تالىشىدىغان ئاساسلىق ئوبيىكتىپقا ئايلاندى.

  ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، ئۇكرائىنانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە دۆلەت كېلىشىمى ئىزالاشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان. بۇ ھەرىكەت قارشىلىققا ئۇچرىدى ھەمدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولدى، غەربتىكى ئەللەرمۇ رۇسىيە بىلەن يېڭى قارشىلىشىشنى باشلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئالاقە دۆلەت كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئۇكرائىنا رۇسىيەدىن ئايرىلىپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئۆزىنى ئاتتى، لېكىن ئۇكرائىنا رۇسىيەدىن ئايرىلالامدۇ؟ ئۇكرائىنا سودا ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىن رۇسىيەگە بەكلا تايىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى زۇڭتۇڭ پوروشىنكونىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقىنى شەرقىي رايون مەسىلىسىنى رۇسىيەدىن ئايرىلسا قەتئىي ھەل قىلالمايدۇ.

  رۇسىيەنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ئۇكرائىناغا چېتىلدى. پۇتىننىڭ تەكلپىگە ئاساسەن، رۇسىيە پارلامېنتى 25-ئىيۇن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىدىغان ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇكرائىنا دائىرلىرى ئەمدىلا «ئۇف» دەپ تۇرىشىغا، شەرقىي رايوندىكى ئەل ئارىسدىكى قوراللىق كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

  رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئاستىدا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى ۋەزىيەت سەل ياخشىلاندى. ئۇكرائىنا دائىرلىرى بىلەن شەرقتىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىق كۈچلەر ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى، ئىككى تەرەپ يەنە تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇرۇش توختىتىش ئەھۋالىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شەرقتىكى توقۇنۇش رايونىدىن چېكىنمىدى، ئەل ئارىسدىكى قوراللىق كۈچلەرمۇ قورال تاشلىمىدى، لېكىن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئۈمىد پەيدا بولدى.

  رۇسىيەنىڭ يېقىندىكى ھەرىكەتلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىۋېتىش ئويىنىڭ يوقلىقىنى ھەمدە ئۇكرائىنا دائىرلىرى بىلەن ئىجابىي خاراكتېرلىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتقان رۇسىيە ۋاقتىنچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازادىن قۇتۇلۇپ قالدى.

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقكە كېڭىيىش قەدىمى توختاپ قالمىدى، غەرب بىلەن رۇسىيەمۇ يەنە داۋاملىق تىركىشىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر