باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىلارىنىڭ تەختكە چىقىشىدىكى تۆت چوڭ باش ئاغرىقى

2014.07.03 08:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ سابىق 1-خانىمى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى يېقىندا ئېلان قىلغان «تاللاش» ناملىق كىتابىدا 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. ھىلارىنىڭ %65 لىك ئەل رايى قوللاش نىسبىتى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىغا سايلىنىشغا قىل سىغمايدۇ. ئەمدى گەپ ئۇ ئاقسارايغا كىرىش ئۈچۈن مۇنداق تۆت باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك:

  بىرىنچى، يېشى ۋە سالامەتلىكى.

  ئىككىنچى، سايلىغۇچىلار يېڭىلىقنى ياخشى كۆرۈپ، كونىلىقتىن بىزار بولىدۇ. كلىنتون جەمەتى، بۇش جەمەتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، سايلىغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالماسلىق مۇمكىن.

  ئۈچىنچى، ئوباما ئامىلى. ئوباما 2008-يىلى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، دوستلىرىغا :«ھىلارى كەلگۈسىدە زۇڭتۇڭ بولسا، مەن مەغلۇپ بولغان بولىمەن» دېگەن، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ 180 گىرادۇس ئۆزگىرىپ: «ھىلارى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالسا، ياخشى زۇڭتۇڭ بولىدۇ»دېگەن، بىراق ھىلارى قوللاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئوباما بىلەن ئارىلىق ساقلاش توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى كەلگۈسىدە تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇنىڭ ھىلارىنى قوللىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

  تۆتىنچى، كېلىنتون ھىلارىنىڭ «يۈرەك يارىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى» چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. مەيلى كلىنتوننىڭ ئاركانزاس ئىشتاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان چاغدا يۈز بەرگەن «سۈزۈك سۇ شىركىتى ۋەقەسى» بولسۇن، مەيلى ھەر قېتىملىق سايلامدىكى جۇڭگولۇقلار ئولتۇراق رايونىدىكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىئانە توپلاش بولسۇن، شۇنداقلا كلىنتون ئەر-خوتۇننىڭ ئاقسارايدىكى چېغىدا قوبۇل قىلغان سوۋغاتلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى بار.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر