باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئارمىيە گېزىتى: پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شۈ سەيخوۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ

2014.07.03 07:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۈ سەيخوۋنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر بىردەك شۈ سەيخوۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى ھەمدە پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، قىلچە كەڭچىلىك قىلماسلىق پوزىتسىيەسى ۋە چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەردى، دەپ قارىدى. ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيە مەكىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىدىيەنى ھەقىقىي تۈردە مەركەز روھى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بارلىق ھەرىكىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى، قىسىمنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكى ۋە بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باش ئىشتاب، باش سىياسىي بۆلۈم، باش ئارقا سەپ بۆلۈمى، باش قورال-ياراغ بۆلۈمى ۋە ھەرقايسى چوڭ تارماقلار تۇشمۇ-تۇشتىن ئورگان كادىرلىرىنى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆرۈش ۋە ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك ئورتاق ھالدا، مەركەز چىقارغان بىرتەرەپ قىلىش قارارى ئىنتايىن دانا، مۇتلەق توغرا بولدى، كەڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلار چۆچۈتۈپ، ئارمىيە ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغداپ ۋە ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار روھىنى ئۇغۇتۇپ، ئىرادىمىزنى كۈچلەندۈرۈشكە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى، دەپ قارىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر