ياپونىيە ‹‹ شىنخۇا مۇھاجىرلار گېزىتى ›› تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 5-ئاۋغۇست، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ بىر توشۇش ئاپتوموبىلى شەرقىي شىمال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 22 كىشى يارىلانغان.
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاۋغۇست سائەت 3:30لاردا، سېنداي شەھىرى تەيبەي رايونى شەرقىي شىمال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا، ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ 22 ئەسكىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ كەتكەن، تۆت نەپەر ئەسكەر ئېغىر يارىلانغان، 18 نەپەر ئەسكەر يېنىك يارىلانغان.