7-ئاۋغۇست ئېچىلغان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
جاڭ رۇگېن خەيرى-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ‹‹ شىنجاڭ يورۇقلۇق سەپىرى ›› 8-ئاۋغۇست جەنۇبىي شىنجاڭدا رەسمىي باشلىنىدۇ .
7-ئاۋغۇست ئېچىلغان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئىككى مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن ، ئاقسۇ ، قەشقەر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 500 نەپەر ياشانغانلار ۋە بالىلار ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ، ئۇلارغا قايتىدىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىنىدىكەن .