باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىكنى قايتۇرۇۋېلىش تىجارەتنى توختىتىپ باشقۇرۇش چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا پىكىر ئېلىنماقتا

2014.08.08 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىك ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېمەكلىكنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە تىجارەتنى توختىتىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاشكارا پىكىر ئېلىنىۋېتىپتۇ. چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خېيىم خەتىرىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن، يېمەكلىكنى قايتۇرۇۋېلىش جىددىي قايتۇرۇۋېلىش، ئادەتتىكىدەك قايتۇرۇۋېلىش دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ. جىددىي قايتۇرۇۋېلىشتا يېمەكلىك بىلەن غىزالغاندىن كېيىن ئۆلۈم يېتىم كېلىپ چىقسا ياكى سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، جىددىي قايتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتىكى قايتۇرۇۋېلىشتا يېمەكلىك بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن ، سالامەتلىككە ئادەتتە ئېغىر زىيان يەتكۈزمىسە ۋاقتىدا قايتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنى چاقىرىتىپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى توختىتىش؛مەسىلە بار يېمەكلىكلەرنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، كۆيدۈرۈۋېتىش ئەھۋالىنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى ئىناۋەتلىك ئارخىپىغا كىرگۈزۈش كېرەك.


  جىددىي چاقىرىتىۋېلىشقا قارىتا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئالاقىدار خېيىم خەتەرنى بىلگەندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى يازما شەكىلدە سۇنۇشى ھەمدە دەرھال قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك. ئادەتتىكى قايتۇرۇۋېلىشتا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلىگۈچىلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن 72 سائەت ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى يازما شەكىلدە سۇنۇپ بىرلا ۋاقىتتا قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر