- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما: ئامېرىكا ئافرىقىدىكى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىدۇ،دېدى
2014.08.08 09:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 6-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافرىقىدىكى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تىنچلىق ساقلاش تېز ئىنكاس بىلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئامېرىكا ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرى يىغىنى 6-ئاۋغۇست يېپىلدى. ئوباما 6-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سومالى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئافرىقا تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنى تېخىمۇ كۆپ قورال-جابدۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى قوللانغان تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىدۇ.
ئوباما 6-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئافرىقا سودا مۇنبىرىدە يەنە 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق تۈرىنى ئېلان قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر