باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ياخشى ئۈلگىلەردىن بولۇش كېرەك

2014.08.08 11:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ئاپتونوم رايون ئاچقان مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 6 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹28 – ئىيۇل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ 5 – ئاۋغۇست ئاپتونوم رايون ئاچقان مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسلىق جەڭ مەيدانى دېگەن ھۆكۈمىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىگە، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىگە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جىنايەتچىلەرنى جازالاشقا بولغان تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز لازىم؛ قالدۇق دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن قوغلاشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز لازىم؛ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنى مايىل قىلىپ، ئاممىۋى ئاساسىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە كېڭەيتىشىمىز لازىم؛ پارتىيەلىك كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشىمىز كېرەك؛ سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىغۋالارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك؛ ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈلگىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، زوراۋانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلىشىمىز كېرەك؛ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك؛ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قولىمىزدا قاتتىق زەربە بېرىپ، يەنە بىر قولىمىزدا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى يولغا قويۇپ، پائالىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، نىشان ۋە يېتەكلەش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك؛ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزىنى قوغدىشى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە مەسئۇل بولۇش ۋە زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەيدانى قەتئىي، بايرىقى روشەن ھالدا ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ياخشى ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر