باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31 جاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېلان قىلىندى

2014.08.08 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ھەممىسى ئېلان قىلىندى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا چۇڭچىڭنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1-ئورۇندا تۇرغان، خېيلۇڭجياڭنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاخىرىدا تۇرغان، 24 ئۆلكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدە ئۆرلىگەن، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئومۇمىي مىقدارىدىن ئۈچ تىرىليون يۈەن يۇقىرى بولغان.


  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشتى. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدە، چۇڭچىڭ، گۈيجۇ قاتارلىق 22 جاينىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى.


  يەرلىكنىڭ 1-پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى سېلىشتۇرغاندا، 24 ئۆلكىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆرلىدى، تيەنجىن، ئەنخۇي، شىنجاڭ، جىلىن، ليانىڭنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، چۇڭچىڭ بىلەن گۈيجۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى.


  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ھەر قايسى جايلار ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولدى، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئەندىزىسىدە شەرقىي رايوننىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش ئىچىدە مۇقىملىشىش، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەرقىي رايوننىڭكىدىن تېز بولۇش، شەرقىي شىمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەرقىي رايوننىڭكىدىن داۋاملىق تېز بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرىدىغان جاينىڭ سەككىزى ئوتتۇرا، غەربىي رايونغا تەۋە بولدى؛ كەسىپ قۇرۇلمىسى مەسىلىسىنىڭ تەسىرىدە، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ، لياۋنىڭ بىلەن جىلىننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدە 0.2 پوئېنت تۆۋەنلىدى.


  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا شەرقىي رايوننىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىشچان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ قاراتمىلىق سىياسەت، تەدبىر قوللىنىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىقتىسادى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى تېرىشىپ ئۆزگەرتىمىز شۇنداقلا ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايون ئىقتىسادىنى داۋاملىق تەكشى، تېزرەك ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر