باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيىسى زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كۆرۈشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

2014.08.08 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 5-ئايدا ئېلىمىز زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى دېلو يىپ ئۈچى بىلەن تەمىنلەپ، دېلونى پاش قىلىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيىسى 6-ئاۋغۇست زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كۆرۈشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ناھىيىدىكى ئون ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 87 شەخسنى 750 مىڭ يۈەن بىلەن تەقدىرلىدى.


  يىغىندا يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تېررورلۇق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيىگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇش، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئاڭلىق قوغداش سىياسىي خىسلىتىدىن ئۆگىنىش؛ ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنى قىزغىن سۆيۈش، ئاساسىي قاتلامنى قىزغىن سۆيۈش، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش روھى بىلەن تېررورلۇققا قارىشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، مۇرەككەپ شارائىتتا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش خىزمەت ئىستىلىنى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەۋزەل كۆرۈپ قوغداش، خەتەرلىك ئەھۋالدىن ھودۇقماي، يۈرەكلىك كۈرەش قىلىپ، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق روھىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر