باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھوللاندى فىرانسىيە مىسىرنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ياراشتۇرۇشىنى قوللايدۇ،دېدى

2014.08.08 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 6-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: فىرانسىيە مىسىرنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ياراشتۇرۇشىنى قوللايدۇ، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە تەشەببۇسى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.


  فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھوللاندى بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا شۇ كۈنى تېلېفونلىشىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. تېلېفوندا ھوللاندى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تىنچ، بىخەتەر بولغان ئىككى دۆلەت قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا باغلىق دەپ قارىدى.


  ھوللاندى مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ئىيوردانىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قارار لايىھەسى ماقۇللاش توغرىسىدا ھەمكارلىشىدۇ، بۇ لايىھەدە مىسىرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا مەدەت بېرىلىدۇ ھەمدە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا دەۋەت قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر