باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ سىياسەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى

2014.08.08 11:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك تۈرلىرىدە دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش، پىششىقلاش تۈرىدە ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە باشلىدى

  شى چياۋمېي خەۋەر قىلىدۇ: گۈلباغ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياۋ شياۋخۇڭ 6 – ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىدارىسى بىلەن خوتەن گۈلباغ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ‹‹شىنجاڭ گۈلىسى ئاق ئۆرۈك ئىشقى›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ‹‹شىركىتىمىز ھازىر ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇلغان گۈلىدىن 500 توننا سېتىۋالدى، بۇ يىل ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇلغان گۈلىدىن 4500 توننا سېتىۋېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئازراق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى پىلانلىدۇق››، دېدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، تاراتقۇلار ۋە كارخانىلار تەكلىپ قىلىندى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش، نەق مەيداندا تېتىپ كۆرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

  ياۋ شياۋخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ مەملىكىتىمىزدە 8000 سېتىش تورى بار، ۋالمارت بىلەن خۇارۈن ۋەنجيانىڭ ھەمكارلاشقىنىغا ئۇزاق يىللار بولدى. ‹‹ئاق ئۆرۈك ئىشقى›› تۈرى ئۈچۈن شىركىتىمىز خوتەندە سىغىمچانلىقى 6000 توننا كېلىدىغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى ۋە يۇيۇش، ئوراپ قاچىلاش، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئۈچنى مەخسۇس قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمىدە كارخانىمىز يېقىندا يەنە 50 مىليون يۈەن قەرز پۇلغا ئېرىشتى. بۇ يىل ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇلغان گۈلىدىن 4500 توننا سېتىۋالىمىز، بۇ بىر باشلىنىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆرۈكچىلىك كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كارخانىمىزنىڭ ئاخىرقى نىشانى، دېدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 4 – ئاۋغۇستقىچە، 1500 ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىدە 4841 تۈركۈم/قېتىمدا 15 مىڭ 120 توننا يېڭى ئۆرۈكتىن 3803 توننا گۈلە قۇرۇتۇلۇپ، ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇلغان 857 توننا گۈلە سېتىلغان. يېڭى ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 1.5 يۈەندىن ئالتە يۈەنگىچە، ئىسسىق شامالدا قۇرۇتۇلغان گۈلىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 25 يۈەندىن 60 يۈەنگىچە بولغان.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹خەلق تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ س ىياسەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى›› باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مەركەزلەشتۈرۈش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 1500 ئىسسىق شامالدا گۈلە قۇرۇتۇش ئۆيىدە قۇرۇتۇش، دەسلەپكى پىششىقلاش تۈرىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرىگە كىرگۈزۈپ، زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، بۇ تۈر بويىچە 1536 قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىنىپ، تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، 14 ناھىيە، شەھەر، 94 يېزا – بازار، 469 مەمۇرىي كەنت، 97 كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، 1183 ئائىلىلىك دېھقانغا چېتىشتۇرۇلدى. بۇ تۈرگە 135 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلدى، دېھقانلار ئۆزلىرى توپلىغان پۇل ۋە ناھىيە، شەھەرنىڭ ياردەم پۇلى 45 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. يەرلىكتىن 83 مىڭ 49 دېھقان گۈلە ئۈزۈش، قۇرۇتۇش، تاللاپ ئايرىش، سېتىش بويىچە تەربىيەلەندى، كارخانىلارغا بىۋاسىتە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەك كۈچى 1700دىن ئاشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا 200 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر