خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، لى كېچياڭ يۈننەن ئۆلكىسى لۇدىيەن ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش مەركىزى لوڭتوۋشەن بازىرىدا ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، شۇنداقلا نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇش يىغىنىغا ئېچىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. يىغىن باشلىنىش ئالدىدا ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىللە بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى