باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا كېلەر يىلى يەنىلا نىشانلىق تەڭشەشنى بېكىتتى

2014.08.08 09:17        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تارماق بانكىلىرى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى 5-ئاۋغۇستتىن 6-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇنغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:كېيىنكى يېرىم يىلدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش ۋە ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق خىزمەتلىرىدىكى ۋەزىپە يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ، پۇل سىياسىتى ئاساسىي يۈزلىنىش مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىشانلىق تەڭشەپ كونترول قىلىش تەلىپىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قوزغاش كۈچىنى ئېنىق ئۆلچەپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاجىز ھالقىلار بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكى ، يېزىلار ، دېھقانلار مەسىلىسى ۋە كىچىك مىكرو كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى ۋە ھەرىكەت داۋامىدىكى قىسمەن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. ھەمدە خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇردى.


  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ ئىچكى تاشقى ئىقتىساد پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىدە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر