- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە شەرتسىز ئۇرۇش توختىشىقا قوشۇلدى،دېدى
2014.08.08 09:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى 6-ئاۋغۇست كەچتە مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: ئىسرائىلىيە شەرتسىز ئۇرۇش توختىشىقا قوشۇلدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشقان چېگرىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئاياغلىشىشىدىن ئۈمىد بار. لېكىن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىك كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس بۇنىڭغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى، ئۇلار ھازىر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلمىدۇق، دېدى.
پەلەستىن سەھىيە تارمىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 8-ئىيۇل غەززەگە يولغا قويغان چېگرىنى قوغداش ھەرىكىتىدىن بۇيان پەلەستىندىن 1880دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان، ئون مىڭغا يېقىن كىشى يارىلانغان. ئىسرائىلىيە تەرەپتىن 67 كىشى قازا قىلغان، بۇنىڭ 64ى ئەسكەر.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر