7–ئاۋغۇست ، نيۇيوكتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ، غەززەدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغان 11 نەپەر خىزمەتچىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى . قازا قىلغان بۇ 11 كىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەززەدىكى مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە نەچچىسى ئوقۇتقۇچى ئىكەن .