باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ:جۇڭگو فىلىپپىندىن بېلىقچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ

2014.08.08 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 6-ئاۋغۇست فىلىپپىن سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگولۇق بىلىقچىلارغا جازا ھۆكۈم قىلىش ئىشى ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو فىلىپپىندىن يۇقىرىقى خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېڭىزدىكى بىلىقچىلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىپ، بىلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن نورمال شۇغۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


  ئۇ مۇخبىرنىڭ يېقىندا فىلىپپىن سوت مەھكىمىسى فىلىپپىن دېڭىزىدا قانۇنسىز بېلىق تۇتتى دېگەننى بانا قىلىپ جۇڭگولۇق 12 بېلىقچىغا قاماق جازاسى بەردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ، جۇڭگو قايسى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى4-ئايدا جۇڭگولۇق بېلىقچىلار فىلىپپىن دېڭىزىدا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، جۇڭگو فىلىپپىنى قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگولۇق بىلىقچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە جۇڭگولۇق خادىملارغا كونسۇل ئىشلىرى جەھەتتىن ياردەملەشتى. جۇڭگو فىلىپپىندىن يۇقىرىقى خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېڭىزدىكى بىلىقچىلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىپ، بىلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن نورمال شۇغۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر