قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان زىرائەتلەر
خېنەن ئۆلكىسىدە بۇ يىل ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۈلۈپ ، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن ئۆلكىدىكى تەخمىنەن 27 مىليون مو كۆلەمدىكى زىرائەت ، 14 مىليون ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، تەخمىنەن 100 مىڭ تۇياق (باش) چوڭ چارۋا ئىچىملىك سۇ قىس بولۇش مەسلىسىگە دۇچ كەلگەن .
7-ئاۋغۇست ، خېنەن ئۆلكىسى ۋۇجى ناھىيە مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى قۇرغاقچىلىقنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن ، سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش راكېتا بومبىسىدىن 38 نى ئېتىپ ، سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇپ ، زىرائەتلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان