باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇتقۇزۇشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە كۆمۈلۈپ قالغان 600 نەچچە ئادەم قۇتقۇزۇلدى

2014.08.08 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لۇديەندىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارنىڭ ئادەم ئىزدەش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى 6-ئاۋغۇست پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. قۇتقۇزۇشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى بولغان 72 سائەت ئۆتۈپ كەتتى، قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن كەڭ كۆلەملىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئادەمنى قۇتقۇزۇشنى 1-مۇھىم خىزمەت قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، كەنتلەر، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، بىرمۇ جاينى قالدۇرماي، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئىشلەپ، بارلىق ئاماللار بىلەن بەختكە يارىشا ئامان قالغان ئامما، يارىدارلارنى قۇتقۇزدى. 6-ئاۋغۇست سائەت 16 گىچە، قۇتقۇزۇش ئەترىتى كۆمۈلۈپ قالغان 600 دىن ئارتۇق ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، 437 قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتىنى تاپتى، 2993 يارىدارنى قۇتقۇزدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئون تىك ئۇچار ئىشقا سېلىنىپ، 267 قېتىم ئۇچۇپ، 209 ئېغىر يارىدار ۋاقتىدا يۆتكەپ داۋالىتىلدى.


  ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، چېدىر تىكىش، ئۆزلىرى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ۋاقىتلىق كەپە ياساش، بىخەتەر جايغا يۆتكەش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى پاناھ تارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى خەتەردىن پاناھلاندۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇۋاپىق ھەل قىلىندى. يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، ئاپەتكە ئۇچرىغان 229 مىڭ 700 ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 6-ئاۋغۇست سائەت 16 گىچە، 12 مىڭ 400 چېدىر، 38 مىڭ 200 پەلتۇ، 15 مىڭ يوتقان-كۆرپە تارقىتىپ بېرىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرالغۇ، كىيىم، ئوزۇقلۇق، پاكىز سۇ، كېسەل بولسا داۋالىنىش مەسىلىسى ۋاقتىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر