باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەل ئۈچۈن قىلغاچ خىزمەت، تاپتى نەچچە ھەسسىلەپ ئىززەت

2014.08.08 11:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھىر – مۇھەببەت كىشىلەرنى، قەلىبلەرنى ئۆز ئارا بىر – بىرىگە باغلىغۇچى رىشتە. مېھىر – مۇھەببەت بولغاندىلا تۇرمۇش تېخىمۇ گۈزەل، يۇرت تېخىمۇ تىنچ، ئىناق، باياشات بولىدۇ. دېھقانلارنى ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇۋاتقان، مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئامما ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

  توك يوللىرى راۋانلاشتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى قاشئېرىق كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار بۇ كەنتنىڭ 3 – مەھەللسىدىكى ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، توك لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رېمونت قىلىنمىغانلىقتىن، دائىم توك توختاپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشىغا نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ناھىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشتى، بۇ شىركەتتىكىلەر دەرھال قابىل تېخنىكتىن ئۈچنى ئەۋەتىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، توك لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم يېتەرلىك ماتېرىيال ۋە خادىملارنى تەشكىللەپ، نەچچە كۈن ئىچىدىلا 70 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى سىغىمى چوڭ تىرانسفورموتور ئورنىتىپ، بەش كىلومېتىر توك لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ نورمال توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  كەنتتە ئېچىلغان تۇنجى تاللا بازىرى

  تاۋ جيې ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى توپچاق كەنتىگە چۈشكەن كادىر. ئىلگىرى بۇ كەنتتە تاللا بازىرى بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى خېلى يىراقتىكى بازارغا بېرىپ سېتىۋالاتتى. تاۋ جيې بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا كەنتتە بىر تاللا بازار قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىش، پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، كەنتتىكى ياسىنجان ئىسىملىك بىرەيلەنگە بانكىدىن قەرز ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ كەنتتىكى تۇنجى تاللا بازارنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى.

  زامانىۋى باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلدى

  توپچاق كەنتىدە 16 – ئىيۇل يېڭىدىن قۇرۇلغان باقمىچىلىق مەيدانى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، چۈنكى، بۇ يەرگە ئەتراپتىكى يېزا، كەنتلەردىن 200دىن ئارتۇق كادىر زىيارەت قىلىشقا كەلگەن ئىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ ‹‹يېتەكلەش، ياردەم بېرىش، ئۆگىتىش›› رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلار ئۆزلىرى پۇل چىقىرىش، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن مەبلەغ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 600 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە قوتان، 500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە تۆل ئېلىش قوتىنى، 100 كۇپ مېتىرلىق سىلوس ئورىسى، 200 كىۋادرات مېتىرلىق يەم – خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى، 400 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە تۇرمۇش، ئىش بېجىرىش رايونى بار بولغان باقمىچىلىق مەيدانى قۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تاۋ جيې تۆل ئېلىش قوتىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قوتان ئاساسلىقى بوغاز قويلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئوڭۇشلۇق تۇغدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، قوزىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە بورداش رايونىغا كىرگۈزۈلىدۇ، يىلدا قويدىن 300 تۇياقنى بورداشنى پىلانلىدۇق، قوتاندا ھازىر 100 تۇياق قوي بوردىلىۋاتىدۇ، يىلدا ئۈچ قېتىم بورداپ چىقىرىمىز، ئون دېھقاننى بۇ يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى، كوپىراتىپقا ئەزا 50 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ھەر بىرىنىڭ كىرىمىنى 2000 يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  مائارىپ قىيىنچىلىقى ھەل بولدى

  جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسى كالتە تاغارچى كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار 14 – ئىيۇل مائارىپقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە كەنت يەسلىسىگە 40 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كومپيۇتېر، پارتا، ئورۇندۇق قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياردەم قىلدى. مەكتەپ مۇدىرى مەھمۇد غوجى مۇنداق دېدى: مەن بارلىق ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇندىن كېيىن بىز ئوقۇش – ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوقۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

  كونا قۇدۇق راۋانلاشتى

  ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن ياندۇما يېزىسىنىڭ چىقىل كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ قۇرغاقچىلىق، سۇ قىس سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى سۇغىرىش، ئاق يەرلەنى ئوسا قىلىش جەھەتتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ، تاشلىنىپ قالغان كونا قۇدۇقنى رېمونت قىلىپ، 1000 مو يەرنىڭ سۇغىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ بەردى. بۇ ئىش پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بەختى ئىمىننى بەكمۇ خۇش قىلىۋەتتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزگە چۈشكەن كادىرلار قۇدۇقنى رېمونت قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن بەك خۇش، كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل بولدى

  ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ قارايار كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، 200 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غوپۇر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: كەنتىمىز ناھىيەدىن يىراق بولۇپ، 300 ئائىلە بار، كەنتتىكىلەر ئىلگىرى كۆل، ئېرىق، ئۆستەڭ سۈيى ئىچەتتى، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئائىلىلەرگە تۇرۇبا سۈيى ئەكىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى. ھازىر 200 ئائىلە پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى.

  كەنت يولى بېتونلاشتى

  ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن بارىن يېزىسىنىڭ ئارا قىچىچى كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئالدىن بېيىغان دېھقانلار پۇل چىقىرىش، پۇلى يوقلار كۈچ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن 800 مېتىر يولنى بېتونلاشتۇردى، يەنە بىر قىسىم يول بۆلىكىگە شېغىل تۆكۈپ، يول بويىغا 20 چىراغ ئورناتتى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىمىن روزى كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ يول ياسىماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، 5000 يۈەن چىقىرىپ يول ياساشتا باشلامچى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر