ئاپتونوم رايوننىڭ 2010 ~ 2013-يىللىق ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 7-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2010 ~ 2013-يىللىق ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 7-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ .
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەش ئۇقتۇرۇشى ئوقۇپ ئۆتۈلدى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەلىك تەنتەربىيە باغچىسى قاتارلىق 104 ئورۇنغا ‹‹ 2010 ~ 2013-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن›› شەرىپىنى بېرىش قارار قىلىندى ، چې شۇشيا قاتارلىق 101 كىشىگە ‹‹2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› شەرىپىنى بېرىش قارار قىلىندى .
لى شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ-ياشناۋاتقانلىقى، كۈنسېرى شەرەپ قۇچۇۋاتقانلىقىدەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.