باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا «يوقلىما قىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ۋە قىز-ئوغۇل نىسبىتى ئۆز مەيلىچە بېكىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

2014.07.01 19:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى قوبۇل قىلىش باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. مائارىپ مىنستىرلىقى يېقىندا «2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

  ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى «يوقلىما قىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىگە زىت كېلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىش چارىلىرىنى يولغا قويماسلىقى؛ ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر، سەنئەتتە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سىنىقىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دائىرىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە بەلگىلەنگەن تۈر دائىرىسىنى خالىغانچە تەڭشىمەسلىكى؛ ئاجرىتىپ يۆتكەش پىلانىنى ھەرقانداق ھەربىي ئىنىستىتۇت ۋە مەكتەپلەرگە ھاۋالە قىلماسلىقى لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر