3-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭلى لى كېچياڭ چاڭشا پويىز ئىستانسىسىدا شاڭخەي - كۇنمىڭ تۆمۈريولىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ تۆمۈريول چىنبا، ۋۇلىڭ ۋە ليۇپەنشۈي تاغلىق رايونى قاتارلىق نامرات رايونلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى دېھقانلارنى تاغلىق رايونلاردىن چىقىپ ، يېڭى تەرەققىيات يولىغا مېڭىشقا ئىلھام بېرىدۇ. ئۇ تۈر مەسئۇلىغا مۇنداق دېدى : تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىلا قوغلىشىپ قالماي يەنە ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىمۇ قوغلىشىشى ، ئاخىرىدا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك .