باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: قانۇن-ئىنتىزام ئالدىدا مۇستەسنالىق يوق

2014.07.02 18:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئىيۇل ھارپىسىدا، شۈ سەيخوۋ قاتارلىق 4 كىشى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. مەيلى كىم بولسۇن، مەيلى مەرتىۋىسى قانچە يۇقىرى، ھوقۇقى قانچە چوڭ بولسۇن، دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلسا چوقۇم ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلىنمايدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى ئالدىدا مۇستەسنالىق يوقلۇقىدا چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، پارتىيەمىز لەۋزىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى.

  چىرىكلىكتە ئالاھىدە رايون بولمىغىنىدەك، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىمۇ چەكلەنگەن رايون يوق. قانۇن ئىدارە قىلىش ‐‐ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي شەكلى، ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش ‐‐ قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى. پارتىيەمىز خەلق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، چىرىكلىك ھادىسىسىگە قەتئىي يول قويمايدۇ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ھادىسىلەرنى ئاخىرىغىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ھىمايە قىلغانلىق. قانۇن ئالدىدا ئالاھىدە پۇقرا يوق، پارتىيە ۋە ئارمىيەدە ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسى يوق، قانۇن-ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلماي، قانۇن-ئىنتىزامنى پىسەنتىگە ئالماي، مەرتىۋەم يۇقىرى ھوقۇقۇم چوڭ، خالىغىنىمنى قىلسام، ھوقۇقۇمدىن قالايمىقان پايدىلانسام بولىۋېرىدۇ دەپ قارايدىغانلار ئاقىۋەتتە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ مەسىلىدە، ھېچكىم «بىخەتەر پاناھگاھ»نى خام خىيال قىلمىسۇن، ھېچكىم «قانۇندىن ھالقىغان شاپائەت»نى تېخىمۇ خام خىيال قىلمىسۇن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر